!ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا

.بىر ياخشى كىتاب بىرياخشى دوسىت

.كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق دەم ئېلىشنى ئۈگۈنۈڭ

!!!خۇددې كېىنو،تېلىۋزۇر كۆرگەندەك

A Good Book a Good Friend!!!

Friend come here! And read book make your relax!

ئىزدەش

ئىلان ۋەئۇچۇر

ئۆزىڭىز ياقتۇرغان كىتابلارنى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيەقىلىشنى ئۇنۇتماڭ

Dont forget to recommend your favorite books a good friend!

2010年1月3日

ئىز脚印Footprints

ئىز
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

Footprints
脚印
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،

ئەمدى ئاتقا مىنگىدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.

ئاز ئىدوق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز.

ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،

قالدى نى نى ئارسىلانلار دەشت چۆللەردە قەۋرىسىز،

قەۋرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،

گۈل چىچەككە پۈركۈنۈر تاڭنا باھاردا قەۋرىمىز.

قالدى ئىز قالدى مەنزىل قالدى يىراقتا ھەممىسى

چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز


قايتماس كارۋان يولدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،


تاپقۇسى ھىچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز


يا ئەۋرىمىز.



0 ئىنكاس: